Chinese→Uyghur主要词典
备忘录运动
دۇنيا تارىخى
مېموراندۇم ھەرىكىتى
ترانسىلۋانىيىدىكى رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەرىكىتى. 1867-يىلى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ترانسىلۋانىيىدىكى ئەنئەنىۋى ئاپتونومىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شۇ جايدىكى رۇمىنىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1881-يىلى ترانسىلۋانىيىدە رۇمىنىيە مىللىي پارتىيىسى قرۇلۇپ، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە سۇنىلىدىغان مېموراندۇم تەييارلاش قارار قىلىنغان، ئۇنىڭدا: ترانسىلۋانىيە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رۇمىنىيىلىكلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى مەمۇرىي ئورگان ۋە سوت مەھكىمىسىدە رۇمىنىيە تىلىنى ئىشلىتىش، رۇمىنىيىلىكلەرنى ئەمەلدارلىققا تەيىنلەش ۋە سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان. 1891-يىلى بۇخارېستتا قۇرۇلغان <پۈتۈن رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش جەمئىيىتى> رۇمىنىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ <ترانسىلۋانىيىدىكى رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مېموراندۇم> نى ئېلان قىلغان. 1892-يىلى 3-ئايدا <مېموراندۇم> بېكىتىلگەن. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا 300 گە يېقىن كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى مېموراندۇمنى ۋېنا ئوردىسىغا سۇنغان. <مېموراندۇم> دا ئىكى باشلىقلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتى پاش قىلىنغان. ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرانىس يوسىف Ⅰۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، <مېموراندۇم> نى بۇداپىشتقا ئەۋەتىپ بەرگەن. 1894-يىلى ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى مېموراندۇمنى تەييارلىغانلارنى سوراق قىلىپ، جازا ھۆكۈم قىلىپ، مىللىي پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ترانسىلۋانىيە، رۇمىنىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر ئەيىبكارلارنى قوللىغان. بىر يىلدىن كېيىن، جازاغا ھۆكۈمقىلىنغان رەھبەرلەر قويۇپ بېرىلگەن. مېموراندۇم ھەرىكىتى ترانسىلۋانىيىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.