Uyghur主要词典
بەيتۇللا مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بولۇپ، 1790 _ يىلى سېلىنغان. 1865 _ يىلىنىڭ ئالدى _ كەينىدە كېڭەيتىلگەن. XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنە بىرقېتىم كېڭەيتىلىپ، يېڭىدىن توققۇز سىنىپ سېلىنغان.مەسچىتتە مەدرىسە تەسىس قىلىنغان.بۇ مەسچىت غۇلجىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ جەم بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنى ھەم دىنىي زاتلارنىڭ تەربىيلەش مەركىزى بولغان. شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە قازى كومىتېتى تەسىس قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ دىني نازارىتىمۇ مۇشۇ يەردە ئىش بېجىرگەن.