Chinese→Uyghur主要词典
贝鲁特
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېيرۇت
لىۋان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇھىم خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ھەم سودا بازارلىرىنىڭ بىرى. پورتقا چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كىرىپ توختىيالايدۇ، شەھەردە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. خەلقئارا ئايرودرومى بار. بېيرۇتنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بېيرۇت دېگەن نام قەدىمىي فىنكىيىلىكلەرنىڭ Peroth ياكى گرېكلارنىڭ berytos سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قۇدۇق، بۇلاق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمدە ھازىرقى بىيرۇت شەھىرى جايلاشقان ئورۇندا قۇدۇقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يەرلىك خەلق قۇدۇق سۈيىدىن تېرىقچىلىق ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن پايدىلانغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bèi lǔ tè
بېيرۇتDتارىخ
bèi lǔ tè
بېيروتDئۇنىۋېرسال
bèi lǔ tè
بېيرۇت
دۇنيا تارىخى
بىئېرۇت
(1892 - 1956) پولشا خەلق جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1947 - 1952). پولشا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1948 - 1954). ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1912-يىلى سوتسىيالستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1918-ىلى كومپارتىيىگە قاتناشقان. 1927-يىلىدىن باشلاپ ئۇزاققىچە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1942-يىلى پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مۇشۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، پولشا خەلقىنى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرغان. 1944-يىلدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ بولغان. 1952 - 1954 - يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان؛ 9481-يىلى 9-، 12-ئايلاردا ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن، رەئىس، بىرىنچى سېكرىتار بولغان (1954 - 1956).