Chinese→Uyghur主要词典
北非登陆战
دۇنيا تارىخى
شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى
1942 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى باشلانغان ئەنگلىيە - ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ فرانسىيىگە قارام شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جېڭى.1942 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24، 25 - كۈنلىرى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا فرانسىيىدە ئىككىنچى سەپ ئېچىشنى كىچىكتۈرۈپ، <مەشئەل ھەرىكىتى> ناملىق شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغاچىقىش جېڭى ئېلىپ بېرىشنى كېڭىشىپ بېكىتكەن. ئېيزېنخاۋېر ئىتتىپاقچىلار يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە قوشۇنى شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىر، ئوران ۋە كاسابلانكا پورتلىرى ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىنكى ئىلگىرلىشى ئوڭۇشلۇق بولغان. 1943 - يىل 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە ئىتتىپاقچىلار ئارمىيسى شىمالىي ئافرىقىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ بولغان. ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى غەلبىسىنى سوۋېت ئارمىيسىنىڭ قىشلىق ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ، ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ستراتىگىيىلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغان.