Chinese→Uyghur主要词典
北大西洋
دۇنيا تارىخى
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى
1949 - يىلى 4 - ئايدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسىمبۇرگ، نورۋىگىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە ۋە كانادالار بىلەن ۋاشىنگتوندا ئىمزالانغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1952 - يىلى 2 - ئايدا تۈركىيە، گرېتسىيە قاتناشقان. 1955 - يىلى 5 -ئايدا گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قاتناشقان. 1982 - يىلى 5 - ئايدا ئىسپانىيەقاتناشقان. ھازىر جەمىئىي 16 ئەزا دۆلەت بار. شەرتنامىدە: شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر<ئورتاق مۇداپىئە> نى يولغا قويۇش؛ شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر <قۇراللىق ھۇجۇم>غا ئۇچرىسا، شەرتنامە تۈزگەن باشقا دۆلەتلەر <زۈرۆر دەپ ھېسابلىغان ھەرىكەت، جۈملىدىن قورال كۈچى ئىشلىتىش ھەركىتىنى قوللىنىش> دەپ بەلگىلەنگەن. ئەھدىنامە 1949 - يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. مەزكور ئەھدىنامىگە بىنائەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى مىنىستىرلار كېڭىشى بولۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مىنىسترلار كېڭىشىنڭ ھەربىي ئىشلار بويىچە مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى بولغان. ئۇنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىغا ئامېرىكىنڭ گېنېرالى باش قوماندان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات ھەر يىلى كۆپ قېتىم ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. ئەزا دۆلەتلەرمۇداپىئەنى كۈچەيتكەن ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئۇتتۇرسىدىكى كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. باش شىتابى بريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان.