领域: دۇنيا تارىخىبېيبۇ قولتۇقى ۋەقەسى
ئامېرىكىنىڭ ھىندىچىنى ئۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قەستەن پەيدا قىلغان سۇيىقەستلىك ۋەقەسى. بېيبۇ قولتۇقى ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جۇڭگونىڭ لېيجۇ يېرىم ئارىلى بىلەن خەينەن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. 1864-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ <مادوكس> ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېڭىز ئارمىيىمىز <ئىغۋاگەرچىلىك> كە ئۇچرىدى دەپ، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۆز پاراخوتلىرىنىڭ بېيبۇ قولتۇقىدا داۋاملىق تۈردە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە توپلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە، يەنە ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ 2- قېتىم ۋيېتنامنىڭ مىنا كاتېرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋەقەسىنى يەنى <بېيبۇ قولتۇقى ۋەقەسى" نى پەيدا قىلغان. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جونسون مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئۆكتەملىك بىلەن ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىئان، خونگاي، تانخۇا رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ۋېيتنامنىڭ شىمالىغا كېڭەيتكەن.