Uyghur主要词典
بەھرى تەۋىل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئۇزۇن بەھرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تەۋىل بەھرى، رەمەل بەھرى، مەدىد بەھرى، بەست بەھرى، ۋافىر بەھرى، ھەزەج بەھرى، كامىل بەھرى، سەرىھ بەھرى، مۇقتەزىب بەھرى، مۇجتە بەھرى قاتارلىقلار.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
<تەۋىل> نىڭ لۇغەت مەنىسى ئۇزۇن دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭ نامى <بەھرى تەۋىل سالىم>
بۇ بەھرىدە يېزىلغان شېئىرنىڭ مىسراسى ئىككى بۆلەككە (ھەر بۆلىكى ئىككى تۇراققا) بۆلۈنۈپ، ھەر بۆلىكى يەتتە بوغۇم (بىرىنچى تۇراق ئۈچ بوغۇم، ئىككىنچى تۇراق تۆت بوغۇم) دىن تەركىب تاپىدۇ. ئادەتتە بىرىنچى بۆلەكتىكى ئىككىنچى تۇراق ئۇزۇنراق توختاپ ئېيتىلىدۇ. مىسال:
يۈزۈڭنى / كۆرسە قىلور/ گۈل ئۆزى/ نى يۈز پارە.
خوتەن يا/ زىدا ئا/ ھۇ كۆزۈڭ / دە ئاۋارە. (سەككاكى)
بۇنىڭ ۋەزنى سخېمىسى:
پەئۇلۇن - مەپائىلۇن - پەئۇلۇن - مەپائىلۇن.