Uyghur主要词典
بەھرە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قىسمەت، نېسىۋە؛ ئۈلۈش؛ پايدا:
تۇغۇلمىش ئىدى كاشىغەر شەھرىدە،
جەھانغا كېلىبان ئاتا بەھرىدە.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۈلۈش، نېسىۋە، ھەسسە، پايدا، مەنپەئەت؛ ئۆسۈم؛ كىرىم، دارامەت؛ تەقدىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىرىدىن ئاشقان دارامەت؛ ئېرىشكەن ياخشىلىق.
خەلقىمغە پايدام تەگمىسە قايسى كۈنى، ئۆمرۇم ھېسانىغا قوشالمايمەن ئۇنى. ئەقىلسىز بازارغا باغۇچە، ئەقىللىق پايدا ئاپتۇ. ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكىدىن نېمە پايدا، خوتۇنۇڭ بېشەم بولسا، ئالەمنىڭ تىنىچلىقىدىن نېمە پايدا. كەمبەغەلنىڭ ھايىنى يوق، تاپقان پۇلىنىڭ تايىنى. قوي باقىدىغان ئىتلار تالاشسا، بۆرە ئارىدىن نەپ ئالار. بېيىۋالغان تىلەمچى، بىچارىگە نەپ بەرمەس. ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئۆلمەيدۇ. نېمە، چىقىش قىلمىدىمۇ؟ چېقىمچىلىقتىن ھېچ تاپاۋەت تاپالمايسەن. دوستقا ئاداۋەت _ دۈشمەنگە تاپاۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پايدا، مەنپەئەت، نەپ.
بەھرە بەرمەك.
لەززەت، مەززە، ھۇزۇر.
بەھرە ئالماق.