Uyghur主要词典
بەھائىيە مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <يەھيا> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <شانلىق>، <شۆھرەتلىك> دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ بابىيە مەزھىپىدىن يېتىشىپ چىققان. بۇ مەزھەپ دۇنياۋى ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مەزھەپنى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىرانلىق مىرزا ھۈسەيىن ئەلى (1817 - 1892) قۇردى. ئۇ ئۆزىنى بەھائۇللاھ يەنى ئاللانىڭ نۇرى، دەپ ئاتاپ، مەزھەپنى <بەھائىيە> دەپ ئاتىدى. مىرزا ھۈسەيىن ئەلى بابنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مۇخلىسى بولۇپ، 1852 - يىلىدىكى بابىيە قوزغىلىڭى مەغلۇب بولغاندا قولغا ئېلىندى. ئىككىنچى يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باغداتقا مۇساپىر بولۇپ باردى. شۇ يىلى 4 - ئايدا ئۆزىنى باب ئالدىن ئېيتقان <يېڭى پەيغەمبەر> دەپ جاكارلىدى. كېيىن تۇغقانلار ئارا دىنىي ھوقۇق تالىشىش تۈپەيلىدىن تۈركىيىگە باردى. ئوسمانلى ھۆكۈمىتى ئۇنى پەلەستىندىكى ئاققا نەزەربەنت قىلىپ قويدى. 1871 - يىلىدىن 1874 - يىلىغىچە ئۆز ئەقىدىسىنى شەرھلەپ 472 پاراگرافقا بۆلۈپ <ئەل بەيان> نىڭ ئورنىنى باسىدۇ، دىدى. بۇ مەزھەپ تەنھا، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىر ئاللاغا سەجدە قىلىشنى ئەقىدە قىلدى. <جىمى دىنلارنىڭ ئاساسى ئوخشاش>، شۇڭا قايسى دىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئاللاغا ئىشىنىدۇ. پەقەت نامى ئوخشىمايدۇ، خالاس، دەپ قارىدى. شۇڭا بۇ مەزھەپ ئىسلام دىنى، ھىندى دىنى، يەھۇدىي دىنى، زاراتوسترا دىنى، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسچىلىرى ۋە باب، باھائىلەر ئاللانىڭ ئەلچىلىرى، ھەممە ئادەم ئاللانىڭ <پەرزەنتلىرى> ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىىشى كېرەك، شۇڭا ئىنسان بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ئۆتۈشى، دۇنيانىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپتىمۇ جەننەت، دوزاخ، روھ، ئىلاھىي مۆجىزە، مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى تەلىماتلار بار. لېكىن بۇلارنى شەرھلەش ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئاللا بەخش قىلغان قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ ئىش قىلغاندا، بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، يەنى جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغانلار ئازابلىنىدۇ، يەنى دوزاخقا چۈشىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيالىققىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىجتىمائىي، ئېتىكا تەشەببۇسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوغداش؛ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيىتىنى بېيىتىش؛ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش، جىمى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كۈرەشلەردىن ۋاز كېچىش، شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىنى ۋە دوستلۇق روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش، ئىنساننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، <دۇناينىڭ يېڭى تەرتىپى> نى ۋە <ئادالەت پادىشاھلىقى> نى قۇرۇش لازىم؛ دىن بىلەن پەن تېپىشمەيدۇ، دەپ قارىدى. ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. دىنىي جەھەتتە ئىسلام قائىدىلىرىنى ئاددىيلاشتۇردى. مەسىلەن، تەرەت ئالغاندا قولنى، يۈزنى، پۇتنى يۇيىدۇ ياكى پاكىز سۇدا يۇيۇنىدۇ؛ <ناماز> دا يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ياكى بۇ مەزھەپنىڭ ھەر قانداق كىتابىنى ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ كۈندە بامدات نامىزى، پىشىن نامىزى، خۇپتەن نامىزى ئوقۇيدۇ، سەپەر ئۈستىدىكى نامازدا بىر قېتىم سەجدە قىلىدۇ. بۇ مەزھەپ بىر يىلنى 19 ئايغا، ھەر ئاينى 19 كۈنگە بۆلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت كۈنىنى بەلگىلىگەن. ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيىنى روزا ئېيى قىلىپ، روزا ۋاقتى توشقاندا يېڭى يىل ئۆتكۈزىدۇ. زاھىدلىققا قارشى تۇرىدۇ، تۇرمۇشتا بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ نىكاھدا دۇئا - تىلاۋەت ئوقۇمايدۇ. <روھىي زات ئۇيۇشمىسى> ئادەم ئەۋەتىپ نىكاھقا گۇۋاھچى بولىدۇ. <ئەل كىتابۇل ئەقىدەس> تە مىراس قانۇنى بەلگىلىنىپ، ھەر بىر ئادەمدىن ۋەسىيەت قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەزھەپ مۇخلىسلىرىنىڭ كۈندە دۇئا - تىلاۋەت قىلىش، پەرھىز تۇتۇش؛ تىرىشىپ ئىشلەش، <ئاللانىڭ ئىشلىرى> نى ئومۇملاشتۇرۇش، تاماكىنى، ھاراقنى مەنئى قىلىش؛ مەزھەپنىڭ نىكاھ تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىش، ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇش، سىياسىيغا ئارىلاشماسلىق، باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىكتىن ئىبارەت توققۇز خىل دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى بەلگىلىگەن. بۇ مەزھەپ <ئەل كىتابۇل ئەقىدەس>، <ئەل بايان>، <ئەل ئىقان>، <ئەل كەلىمات ئەل مەكنۇنەھ> ۋە <ھەفت ۋادى> بۇ مەزھەپنىڭ مۇھىم كىتابلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 20 -ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى بۇ مەزھەپ مۇستەقىل دىن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
بەھائىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى <باش روھىي زاتلار ئۇيۇشمىسى> بولۇپ، دۆلەتلىك ياكى يەرلىك خاراكتېرىدىكى <باش روھىي زاتلار ئۇيۇشمىسى> ئېھتىياجغا قاراپ ھەر خىل كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. روھىي زاتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۈستىدە خەلقئارالىق <دۇنيا ئادالەت مەھكىمىسى> ياكى <دۇنيا روھىي زاتلار كومىتېتى> يەنى مەركىزى شەيخلار ئۇيۇشمىسى نۆۋەت بويىچە سايلامدا بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.