Uyghur主要词典
بەگ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يۇرۇتنىڭ ھوقۇقدارى، ئاقسۆڭەك.
بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشۇتاي. ھۈنەرسىز بولغاچقا قانچىلاپ خوجا، ئامالسىز قالماقتا قۇللار ئالدىدا. تۆرىدىنمۇ ئاشپەز توق. تۆرىنىڭ ئىتىمۇ تۆرىچە ھۈرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بەگ.
3 - 212
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خوتۇننىڭ ئېرى. بەگكە ئوخشىغانلىقتىن شۇنداق دېيىلىدۇ.
3 - 212
مەشھۇر شەخسلەر
1857 - يىلى5 - ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ۋالىيسى، داخوكس تۆرە بېگى گەنكادار رائونىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، چۈنكى بەگنىڭ ئوغلى يوق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى قائىدە بويىچە، بەگنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، بەگلىكنىڭ زېمىنىدىن مەھرۇم كېتەتتى - دە، ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرى «يوللۇق» يوسۇندا جانسى بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالالايتتى. داخوكس تۆرە خۇشاللىقىنى باسالماي تۇرغاندا، بىر چوكان ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن: «مەن جانسى بەگلىكىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، كىمكى جانسىنى تارتىۋېلىشقا پېتىنىدىكەن، شۇنىڭغا جېنىمنى تىكىپ قويدۇم» دەپ جاكارلىدى. بۇ چوكان دەل جانسى بېگىنىڭ خوتۇنى، جانسىنىڭ ئايال بېگى لاكشىمى باي (1835 −1858 - يىللار) ئىدى.1857
- يىل5 - ئاينىڭ10 - كۈنى، ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىگە نەچچە ئون ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان مىرۇت دېگەن يەردە خەلق ئىسيان كۆتۈرۈپ، ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى.6 - ئاينىڭ4 - كۈنى، لاكشىمى باي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، جانسى شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جانسى پۈتكۈل مىللىي قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى.
ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. لاكشىمى كۈچلۈك دۈشمەندىن قىلچە قورقماي، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەنگە ئاخىرقى تىنىقىغىچە تاقابىل تۇرۇشقا قەسەم ئىچتى. خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى بىلەن شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئۇ1000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ دۈشمەن بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلدى. ئەمما، دۈشمەن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك كېلىپ قېلىپ، شەھەرنى قوغداپ قېلىشتىن ئۈمىد قالمىغاچقا، كېچىلەپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، باشقا جايغا يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلىپ، باشقا قوزغىلاڭچىلار بىلەن قوشۇلۇپ جەڭنى داۋاملاشتۇردى.1858
- يىلى6 - ئايدا، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ گۋالىئوردا دۈشمەن بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى، قوزغىلاڭچى قوشۇن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇ ئالدىنقى سەپتىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئون نەچچە جەڭچى كەينى - كەينىدىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ كەينىدىن قىستاپ كەلدى، ئالدى تەرەپتە بىر كىچىك دەريا ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ دۈشمەن بىلەن ئۆزى يالغۇز تۇتۇشۇشقا مەجبۇر بولدى، ئاۋۋال بېشى يارىلاندى، ئارقىدىن ئوڭ كۆزىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا قىلىچىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتىپ، ئاخىرقى تىنىقىغىچە دۈشمەننى يەر چىشلىتىپ،23 يېشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەگ، تەقسىر؛ خان، ھۆكۈمدار؛ شاھزادە؛ ئەر، ئەركەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس بۇرۇنقى مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەل ئالغان كىشى .
مۇراجىئەت ۋە ھۆرمەت سۆزى .
كىشى ئىسملىرنىڭ كەينىگە كېلىپ، ھۆرمەت نامىنى بىلدۈرىدۇ .
توختى بەگ . قاسىم بەگ .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خان، ھۆكۈمران، شاھزادە، بەگ، ئەر
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
مەرتىۋە ئىگىسى، ھۆكۈمران، بەگ، ئەركەك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.