Uyghur←Chinese主要词典
بەدر جېڭى
دۇنيا تارىخى
白德尔战役
bái dé ěr zhàn yì
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. مىلادى 624-يىلى 3-ئايدا، مۇھەممەد پەيغەمبەر بىر سودا كارۋىنىنىڭ سۈرىيىدىن مەككىگە يېنىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تېپىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئادەم ئەۋەتكەن. كارۋان باشلىقى ئەبۇ سۇفيان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ مەككىدىن ياردەم سورىغان ۋە باشقا يول بىلەن مەككىگە قايتقان. مەككىنىڭ مىڭ كىشىگە يېقىن ياردەمچى قوشۇنى يېتىپ كېلىشىگە، ئىككى تەرەپ مەدىنىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قىزىل دېڭىزغا يېقىن بەدر دېگەن جايدا جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ئاران 300 كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە مۇھەممەد پەيغەمبەر غەلىبە قىلغان. بۇ ئۇرۇش مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سىياسىي ئابرويىنى ئۆستۈرگەن.