Uyghur主要词典
بەدرى غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 624 - يىلى 3 - ئايدا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ، سۈرىيىدىن مەككىگە قايتقان يول ئۈستىدىكى قۇرەيش جەمەتىكىدىكى ئەبۇ سوفيانىڭ كارۋىنىغا ھۇجۇم قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدى. لېكىن، مەدىنىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدىغان بەدرىدە (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە) مەككىدىن ئەۋەتىلگەن مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، 140 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئۆلتۈردى. بۇ ئىسلام دىنى تارىخىدا <بەدرى غازىتى> دەپ ئاتالدى. بۇ قېتىمقى غازاتنىڭ غەلىبىسى <ئاللا خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ> غانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىلىدۇ. بۇ غازات ئارقىلىق، مەككىلىكلەرنىڭ قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نوپۇزى مۇستەھكەملەندى. بۇ غازاتقا قاتناشقان ئادەم <ئىسلام ئېسىلزادىسى> دەپ ئاتالدى.