Uyghur主要词典
بەدەۋىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سوپى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، بۇنى ئەھمەد بەدەۋى (تەخمىنەن 1200 - 1276) 13 - ئەسىردە مىسىردە قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ قۇرغان مۇستەقىل پىرقە <ئەھمەدىيە> دەپ ئاتالغان. لېكىن، ئوخشاش نامدىكى يەنە بىر پىرقىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بەدەۋىيە دەپ ئاتىغان. بۇ تەرىقەت ئەقىدە ۋە فىقھە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدا بولۇپ، يېزا - قىشلاقلارغا كەڭ تارقالغان. تەكىيدۇنيالىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. تەنھا ئۆتۈشتە، تەركىيدۇنيالىقتا، ئۇزۇن روزا تۇتۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرى ئەنئەنىۋى ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئەيىنلىنىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بەدەۋىيە پىرقىسىنىڭ مۇستەقىل تارماقلىرى 61 غا يەتكەن، بەزىلىرى يوقاپ كەتكەن، يېرىمى ھازىرمۇ پائالىيەت قىلىۋاتىدىكەن. كەڭ تارقالغان بەييۇمىيە پىرقىسى ئەڭ مەشھۇر تارماق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەرىقەت مىسىردا تارقالغاندىن باشقا، ھىجاز، سۈرىيە، تۈركىيە، ترىپولى ۋە تۇنسىتا تارقالغان.