Uyghur主要词典
بەدەل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالماشتۇرۇش؛ ئالماشتۇرۇلىدىغان نەرسە:
دېدى، ئون بەرابەر كۇمۇشتۇر بەدەل،
بېرىڭ دەرمەھەل ئەسلە قىلماي جەدەل.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالماشماق، تېگشمەك (كۆپلۈكى <ئەبدال>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم نەرسىنىڭ ئورنىغا كەلگەن ماددىي ياكى مەنىۋى تۆلەم.
ھەقنىڭ ھەققى تەق. كېسەللىك - شەھۋانىيلىقنىڭ بەدىلى. مۇھەببەتنىڭ بەدىلى مۇھەببەت.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يالغان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىنىڭ ئورنىغا بېرىلگەن ھەق، بىرەر نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا بىر نەرسە.
بۇ ئىشقا ئاز بەدەل تۆلىمىدۇق.
بىرەر تەشكىلات ياكى پارتىيە - گۇرۇھ ئەزالىرىغا قەرەللىك تۆلەپ تۇرىدىغان پۇل.
پارتىيە ئەزالىق بەدىلى. ئىتتىپاق ئەزالىق بەدىلى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بەدەلخان
ئىز باسار