Lughet
词典维吾尔语ئولىۋارېس
Uyghur主要词典

ئولىۋارېس

دۇنيا تارىخى (1587 - 1645) ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ نىڭ يېقىن كىشىسى، باش ۋەزىرى (1621 - 1643). ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، يەرلىك ئايرىمىچىلىق خاھىشىنى باستۇرغان، يېڭى باجلارنى كۆپەيتكەن؛ سىرتقا قارىتا 1621 - يىلى گوللاندىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى يېڭىۋاشتىن قوزغىغان (<ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى> گە قاراڭ)، 1622 - يىلى 30 يىللىق ئۇرۇشقا چېتىلىپ، ئىسپانىيىنى ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە يەنىمۇ زاۋاللىققا ئېلىپ بارغان. 1640 - يىلى كاتالونىدا قوزغىلاڭ پارتىلغان؛ شۇ يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. 1643 - يىلى خانىكە ئېسابىلا باشچىلىقىدىكى ئوردا گۇرۇھى فىلىپ Ⅳ نى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبور قىلغان ھەمدە ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغۇزغان.
Rate this entry

该词在其他来源中的释义

ئولىۋارېسUyghurChinese主要词典

相关词

ئولىچUyghurئارېسUyghur
← 搜索