Uyghur主要词典
بىدىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دىلى سۇنۇق، كۆڭلى يېرىم:
مەپتۇن، مەھلىيا:
دەردلىك ئاشىق:
دېدى: ئەي نىگرا، خەبەردار بول، 1.
كى بىچارە بىدىلغا دىلدار بول.
ئا. نىزارى.
2. كېچە قايغۇدىن ئەسىر بىدىل ئىدى،
تۇشى كۆردى پىرى بۇ نۇكتە ئىدى.
ئا. نىزارى.
3. كى ناز ئەھلىدەك كىم ئۇزارتىپ ئاياغ،
قىلۇر ئاشىقنى ئەجەب بىدىماغ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۈرەكسىز؛ كۆچمە مەنىسى: ئاشىق، ھەسرەتلىك: بىدىللىغ - يۈرەكسىزلىك، قورققاقلىق، زەئىپلىك. كۆچمە مەنىسى: ئاشىقلىق. قايغۇلۇق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: نىگارى جىلۋىگەر بولسا كۆزىدە، قالارمۇ ئاشىقە بىدىل ئۆزىدە. (خىرقىتى)
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/11
بۇ ئەسەر ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەت، مۇھەببەت ۋە قۇشلار كۈيلەنگەن شېئىرلار توپلىمى بولۇپ ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25 × 16 سانتىمېتىر، 116 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.