Uyghur主要词典
بېدە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بېدىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مۇرەككەپ يوپۇرمىقى ئۈچ تال كىچىك يوپۇرماقتىن تۈزۈلىدۇ، كىچىك يوپۇرماقلىرى دۈگىلەك كېلىدۇ؛ گۈلى
كېپىنەك شەكلىدە ئېچىلىدۇ، رەڭگى سۆسۈن كېلىدۇ؛ چوكا شەكلىدە مېۋە تۇتىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە، گۈلى ئېچىلغاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، چاناپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتلاقلار، ئېرىق - ئۆستەڭ
بويلىرى، ئېتىز قىرلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە. (54 - رەسىم)
ئەھۋالغا
قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بېدىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەزگەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېدىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە ئىسسىق ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بېدىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
بېدىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
بېدىنى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ.
بېدىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
بېدىنى پىشۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق ۋە ئەزالارنىڭ تىترىشىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
بېدە ئۇرۇقىنى مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېدىنىڭ ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ياكى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، لەقۋا ۋە ئەزالارنىڭ تىترىشىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بۇ ئاساسەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت - چۆپ قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى چىققاندا ئۇنىڭدىن چۆچۈرە، جۇۋاۋا قاتارلىق تاماقلارمۇ ئېتىپ يېيىلىدۇ.