Uyghur←Chinese主要词典
بېدې
دۇنيا تارىخى
比德
bǐ dé
(تەخمىنەن 673 - 735) ئەنگلىيە تارىخچىسى. كىچىكىدىن موناستىردا تەربىيىلىنپ تېخنولوگىيە، تارىخ، ئەدەبىيات ھەمدە تەبىئىي پەنلەرنى تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولغان. ئوتتۇز يېشىدا پوپ بولغان. يازغان ئەسىرى <ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيەت تارىخى> دا كائېسارنىڭ برىتانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن (مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى) مىلادى731-يىلغىچە بولغان تارىخىي ئىشلار بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان. 597-يىلى كاتولىك دىنى پوپى سانت. ئاۋگۇستىنۇسنىڭ برىتانىيىگە كېلىپ دىن تارقىتىشى بۇرۇلۇش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخىي ئىشلار ئاساسەن رىم تارىخچىسى ئۇرۇسيۇس (تەخمىنەن 380 - تەخمىنەن 420) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ماتېرىيال تاللاپ يېزىلغان بولۇپ، ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەس؛ 597-يىلدىن كېيىنكى قىسمى نۇرغۇنلىغان ھۆججەت - ماتېرىياللار ۋە تەرىپ - رىۋايەتلەرگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئىشلارنىڭ بايانى تەپسىلىي ھەم پاكىتلىق. كاتولىك دىنىنىڭ برىتانىيىدىكى تارقىلىش جەريانىدىكى باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيىلىنىڭ سىياسىي ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللاتلىرىغىمۇ چېتىلىغان. يىلنامە ئۇسۇلىدا، رىۋايەتلەردىكى ئەيسا خرىستوس تۇغۇلغان يىلى ئۆلچەم قىلىنىپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىگە <C، B> (خرىستوس تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن دېگەن مەنىدە) بەلگىسى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىگە <D. A> بەلگىسى (پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان يىلى دېگەن مەنىدە) قويۇلۇپ، خرىستىئان دىنى يىلنامىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. بېدې ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە تارىخشۇناسلىقىنى بوۋىسى< دەپ ئاتالغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
比德〈加〉
bǐ dé 〈jiā 〉
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
比德
bǐ d