Uyghur←Chinese主要词典
بائالبېك
دۇنيا تارىخى
巴尔贝克
bā ěr bèi kè
لىۋاننىڭ قەدىمكى شەھىرى. بېيروتنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 85 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 1200 مېتىر كېلىدىغان بىكا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ نامى ئەسلىدە <بائال> ياكى <بېل> دىن كەلگەن بولۇپ، فىنىكىيە تىلىدا <قۇياش ئىلاھى> دېگەنلىك. يۇنانلىقلار ھېلىئوپولىس (مەنىسى <قۇياش شەھىرى>) دەپ ئاتايدۇ. بۇرۇنقى تارىخى ئىلگىرى ماكېدونىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. مىلادى 637-يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، كۆپلىگەن جايلىرىدا رىم دەۋرىدىكى قەدىمكى قۇرلۇشلارنىڭ خارابىسى بار. 1898 - 1905-يىللىرى قېزىلغان. ئاساسلىق قۇرۇلۇش خارابلىرى شەھەرنىڭ غەربىي قسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئىلاھىي بۇتخانىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى يپېتېر ئىلاھىي بۇتخانىسى بىلەن كاكۇس ئىلاھىي بۇتخانىلىرىدىن ئىبارەت. يۇپېتېر ئىلاھىي بۇتخانىنى 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپا ئۈستىگە قۇرۇلغان، كىرىش ئېغىزى ئالتە بۇرجەكلىك ئالدىنقى زال بولۇپ، تېخىمۇ ئىچكىرىسى تىك تۆت تەرەپلىك (137×m115m) زالدىن ئىبارەت. ئايلانما كارىدورى 84 تال (ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى ئالتە تال) مىسىردىكى ئاسۋاندىن چىقىدىغان گرانت تاشلاردىن ياسالغان كورنىتوس شەكىللىك تۈۋرۈكلەردىن تەركىب تاپقان. جەنۇپ تەرىپىدىن سەل كىچىكىرەك بولغان باككۇس ئىلاھىي بۇتخانىسى بولۇپ، ئالدىنقى ئايلانما كارىدور بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە كورىنتوس شەكلدىكى تۈۋۈركلەردىن ياسالغان ئايلانما كارىدور بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە 15 تال، ئالدى ۋە كەينىنىڭ ھەربىرىدە سەككىز تالدىن تۈۋرۈك بار، غەربىي ئاسىيا رايونى بويىچە ئەڭ ياخشى ساقلانغان رىمچە ئىلاھىي بۇتخانىسى خارابىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.