Uyghur主要词典
باخشى
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۇستاز، ئوقۇتقۇچى.
ئەلىشىر ناۋائى ئ
ئۇيغۇر باخشىسى كىچىكنىڭ ئوغلى ئىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پېرىخۇن.
باخشىدىن ياخشىلىق يوق (ماقال). * ھەر باخشى ھەر خىل توۋلار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قۇشچى.
باقى باخشى قۇش قۇشلاپ كەتتى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(موڭغۇلچە، باخشا، ئۇستاز، مەرىپەتچى سۆزىدىن)
ئۆتمۈش زامانلاردا خەلق ئىچىدىكى داستان ئېيتقۇچى، قەسىدىلەرنى يادقا ئوقۇيدىغان سەنئەتكار. خەلق ئىچىدە باخشى ئاتالغۇسى شامان، قۇشناچ، پېرىخۇن مەنىلىرىدىمۇ قوللىنىلغان. قازاق، قىرغىزلاردا بۇ ئاتالغۇ ھازىرمۇ ئەپسۈنگەر، داخان (دۇئاخان)، پېرىخۇن مەنىلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئۆتمۈشتە باخشى سۆزى دەرۋىش، جەرراھ، كاتىپ، شامان، داستانچى مەزمۇنلىرىدا قوللىنىلغان. بىراق خەلقلەر ئارىسىدا داستان كۈيلىگۈچى سەنئەتكار مەنىسىدە باخشى بىلەن پاراللېل ھالدا باشقىچە ئاتالغۇلارمۇ قوللىنىلغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
موللا، داخان، ھاپىز؛ ئوقۇتقۇچى، مۇدەررىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنى دۇئا - تەكبىر، سېھىر - ئەپسۇن بىلەن داۋالىغۇچى.
باخشى داۋالايدۇ، داۋالىغىنى گۆرگە ماڭىدۇ. كېسەل «جان» دەيدۇ، داخان «نان»دەيدۇ. پېرىخۇننى پېرىدە كۆر. پېرىخۇننىڭ دېپى يېرىلسا، گەردىشى مايمۇنغا ئويۇنچۇق بوپتۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆگەتكۈچى، مۇئەللىم، ئۇستاز؛ دوختۇر، تېۋىپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىن
دۇئا ئوقۇپ، دەم سېلىپ كېسەل داۋالىغۇچى كىشى.
تۇغ باغلاپ، پېرى ئوينىغۇچى؛ پېرىخون.
- نامۇ ئەمالىم يىراق - يېقىنغا پۇر بولدى، - دېدى باخشى ياغلىقىدا قالغان ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنى تېرىپ كاپ ئېتىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۈركۈت، قارچىغا، لاچىن قاتارلىقلار بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان كىشى؛ قۇشچى،
قۇش باخشىسى.