Chinese→Uyghur主要词典
巴西尔二世
دۇنيا تارىخى
Ⅱباسىل
(تەخمىنەن 958 - 1025) ۋاىزانتىيە ئىمپېراتورى پادىشاھى (976 697 - 1025). رومائىن Ⅱ نىڭ چوڭ ئوغلى. مىلادى 963-يىلى بالىلىق دەۋرىدىلا ئىنىسى كونستانتىن Ⅷ (تەخمىنەن 960 - 1028) بىلەن بىرلىكتە خانلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلغان. 769-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 976 - 979- ۋە 987 - 989-يىلىرى، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بارداس سكېرۇس بىلەن بارداس فواس باشچىلىقىدىكى كىچىك ئاسىيا ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. خانلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دىندىن سىرت چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، ئاساسلىق باج مەنبەسى ۋە لەشكەر مەنبەسى بولغان ئەركىن دېھقانلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى بەربات بولۇشتىن خالاس قىلغان، سىرتقا قارىتا ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيىگە تەۋە بولغان ئالېپپو شەھىرى بىلەن خومس شەھىرىنى ھەمدە مېسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايىنى قايتىدىن ئىگىلىگەن؛ 30 يىلغىچە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، 1080-يىلى تۇنجى بۇلغار خانلىقىنى يوقاتقان، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ بولغاچقا <بۇلغارلارنى ئۆلتۈرگەن جاللات> دەپ ئاتالغان.