Uyghur←Chinese主要词典
باتىستا
دۇنيا تارىخى
巴蒂斯塔
bā dì sī tǎ
(1901-1973)كۇبا زۇڭتۇڭى (1940-1944،1954-1958) مۇستەبىت. 1921-يىلى ئارمىيىگە قاتنىشىپ، سېرژانت كاتىپ بولغان. 1933-يىلى، كۇبا خەلقنىڭ ماچادونىڭ زوراۋانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 9-ئايدا <سېرژانتلار قوزغىلىڭى> ئۇيۇشتۇرۇپ ھەربىي ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1933-1940-يىللىرى باش شىتاپ باشلىقلىق سالاھىيەت بىلەن كۇبانى كونترول قىلغان. 1940-يىلدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ بولغان. خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1952-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزىۋالغان. قايتىدىن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە1940-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پارلامېنتنى تارقىتىپ، ئىشچىلار بىرلەشمىسىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان. كۇبانى ئامىرىكىغا تامامەن بېقىندۇرغان. 1959-يىلى 1-ئايدا ئاغدۇرۇلۇپ، چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ئۆلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴蒂斯塔
bā dì sī tǎ