Uyghur主要词典
باسلېئۇس
دۇنيا تارىخى
بۇ يۇنانچە (Basileus) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ <خان> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى يۇناندىكى گومېر دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرلەرگىچە) قەبىلە ھەربىي ئىشلار باشلىقنىڭ ئاتىلىشى. ئۇرۇق ئىچىدىكى ياش - قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر (جەڭچىلەر) ئىچىدىن تاللىنىدۇ، ئادەتتە ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ، تىنچلىق ۋاقتىدا ئەڭ ئالىي كاھىن ۋە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ؛ ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشۇنغا باش بولىدۇ، ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭچىلەرنى ھايات قالدۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ. يۇنان ئۇرۇقچىلىق تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مۈلۈككە ۋە قۇلغا ئىگە بولۇپ، بارغانسېرى جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئىمتىيازلىقلاردىن بولۇپ قالغان. كېيىنچە ھاكىمىيەت بېشىدىكى تۆرىگە ئايلانغان. ئافىنادىكىگە ئوخشاش، تەخمىنەن مىلادىدىن 682 يىل ئىلگىرى <كىنەزلىك ھاكىمىيىتى> ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كىنەزلىكنىڭ كونسۇلى باش كونسۇلنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئاساسەن دىنىي ئىشلارنى ۋە قەبىلە ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. كېيىنچە يۇنانلاشقان ھەرقايسى ئەللەر ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى <باسلېئۇس> نى خانلارنىڭ ئۇنۋانى ئورنىدا قوللانغان.