Uyghur←Chinese主要词典
باسېل دىنىي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
巴塞尔宗教会议
bā sài ěr zōng jiào huì yì
1431-يىل 7-ئايدىن 1449-يىل 4-ئايغىچە باېل شەھىرىدە ئېچىلغان كاتولىك دىنىي يىغىنى. پاپا مارتىنۇس Ⅴ (1417 - 1431-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئېچىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەچكە، يېڭى پاپا ئېۋگىنىئوس Ⅳ (1431 - 4471-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتۇرىسىگسىمۇند قاتارلىق غەربىي ياۋروپادىكى كورۇللار ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ئېپىسكوپلىرى قاتناشقان. يىغىن چېخ خوس ھەرىكىتىنى پارچىلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى كالىكىسچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلغان. يىغىن يەنە كىنەزلەر ھوقۇقىنى پاپادىن ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، پاپانىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى روھانىي خادىملارنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى چەكلىگەن. پاپا ئېگېنئوس Ⅳ يىغىن قارارلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. 1438-يىلى ئېگنئوس Ⅳ قايتىدىن فېررارا (ئورنى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە) دا يىغىن چاقىرغان (كېيىن فلورېنسىيىگە شىمالىي تەرىپىدە) دا يىغىن چاقىرغان (كېيىن فلورېنسىيىگە يۆتكىلىپ ئېچىلغان) باسېل يىغىنى ئېگېنئوس Ⅳ نى بىدئەت دەپ جاكارلاپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1439-يىلى قايتىدىن فېلىكىس Ⅴ (3831 - 1451) نى پاپالىققا سايلىغان. كېيىن ئېگېنئوس فرانسىيە كورۇلى ۋەمۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ئىمپېراتورىغا مەلۇم جەھەتتە يول قويۇپ، نۇرغۇنلىغان پادىشاھلارنىڭ ئۆز تەرىپىنى قىلىشقا تۈرتكە بولغان. 1449-يىلى باسېل يىغىنى ئېگېنئوسنىڭ ۋارىسى نىكولاس Ⅴ (1447 - 1455-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى قانۇنىي پاپا دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تارقاپ كەتكەن. فېلىكىس Ⅴ مۇ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان.