Uyghur←Chinese主要词典
باشسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
头状花序
tóuzhuànghuāxù
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىر خىلى. گۈل ئوقى قىسقا بولۇپ، ئۇچى چوڭايغان بولىدۇ، گۈل ئوقىدا نۇرغۇنلىغان سېپى يوق گۈللەر توپلىشىپ ئۆسىدۇ، پۈتۈن گۈل رېتى باشسىمان ياكى ياپىلاق بولىدۇ. مەسىلەن، چىنار دەرىخى ئۈچقۇلاق ئوت ۋە يەسىمەننىڭ گۈل رېتى. جۇخار گۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل رېتىدە، گۈل ئوقىنىڭ ئۇچى ياپىلاقلىشىپ ئۈسسۈپ چىقىدۇ ياكى ئويمانلىشىدۇ، سىرتىنى نۇرغۇنلىغان ئورىغۇچى يوپۇرماقنى تەشكىل قىلىدۇ، گۈل رېتىنىڭ پۈتۈن شەكلى سېۋەتسىمان بولۇپ، سېۋەتسىمان گۈل رېتى ەپ ئاتىلىدۇ. سېۋەتسىمان گۈل رېتىدىكى گۈل تىلسىمان گۈل بىلەن نەيسىمان گۈلگە بۆلۈنىدۇ. پۈتۈن گۈل رېتىدە پەقەت نەيسىمان گۈل بولىدىغان گۈل رېتىمۇ، ئوتتۇرىسىدا نەيسىمان گۈل، ئەتراپىدا تىلسىمان گۈل بولىدىغان گۈل رېتىمۇ بولىدۇ. گۈل رېتىدىكى ھەر قايسى گۈللەرنىڭ تىزىلىشى بەك زىچ بولغاچقا سىرتىنى ئوراپ تۇرغان تىلسىمان گۈللەر گۈل تاجىغا ئوخشاپ قالىدۇ، شۇڭا پۈتۈن گۈل رېتى ئاسانلا خاتا ھالدا بىر خىل گۈلدىن تۈزۈلگەن دەپ قارىلىپ قالىدۇ.
ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك
头状花序
tóu zhuàng huā xù