Uyghur←Chinese主要词典
باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازا容留他人吸毒罪
róng liú tā rén xī dú zuì
بۇ - باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ جەمئىيەتنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە خەلقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
354 - ماددا باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
356 - ماددا زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。