Uyghur←Chinese主要词典
باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازا假冒专利罪
jiǎ mào zhuān lì zuì
بۇ - پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ روخسىتىنى ئالماي، باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پاتېنتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باشقىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چوقۇم باشقىلارنىڭ ياكى ئورۇنلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، شەخسلەرنىڭ ۋە ئورۇنلارنىڭ پاتېنت ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
216 - ماددا باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1( قانۇنسىز تاپاۋەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛
2) پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
3( يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار؛
4) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。