Uyghur主要词典
باشلامچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشچىلىق، رەھبەرلىك قىلغۇچى.
يېتەكچى ئىدىيە. يېتەكچى بولمىسا، قەدەم تەكشى بولمايدۇ، قەدەم تەكشى بولمىسا، ئىش ئاقمايدۇ. باشلامچى كۆپ بولسا، ئىش بۇزۇلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى ئادەم.
بىز بۇ ئىشتا باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك.
سۈپ. بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان، باشلايدىغان.
ئۆتكەنكى ئون يىل ئىچىدە بىئولوگىيە تەبىئىي پەنلەر ئىچىدىكى باشلامچى پەن بولدى.