Uyghur主要词典
باش كۆتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۈنۈپ چىقماق، باش تارتماق.
تۆكۈلگەن تەر، قانۇياشلاردىن، ئۈمىد گۈلى كۆتۈرمەكتە باش.
ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك (ئاي ۋە قۇياش ھەققىدە).
تاڭ ئاقىرىپ، ئۇپۇقتىن باش كۆتۈرۈپ چىققان قۇياش پۈتۈن جاھاننى يورۇتتى.
پەيدا بولماق، قايتا جانلانماق، تىرىلمەك.
ئۇ قەلبىدە زورىدۇنغا قارىتا خەيرخاھلىق تۇيغۇسى باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.
قوزغالماق، قارشى چىقماق.
ەشۋىش ۋەرەقلىرىگە گومىنداڭغا قارشى باش كۆتۈرۈشنىڭ، ئازادلىق سېپىگە ئۇيۇشۇشنىڭ لازىملىقى يېزىلغانىدى.
قەد كۆتۈرمەك.
بىزنىڭمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كۈنىمىز كېلىدۇ، يۈرەك يېرىلغۇدەك خۇشال بولىدىغان كۈنىمىز كېلىدۇ، ئۇزاق قالمىدى.
داڭ چىقارماق، مەشھۇر بولماق.
ئۇ ئۈرۈمچىدە ھازىر خېلى باش كۆتۈرۈپ قالدى.