Uyghur主要词典
بارىسىدا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىركەلمە: سۆز ياكى جۈملە ئاخرىغا تىركېلىپ، شۇ ئادەم ياكى نەرسە ئۈستىدە سۆز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دانا قولىدىن كەتكەن نەرسە ھەققىدە سۆزلىمەس. ئالىم ئىلىم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ، زالىم زۇلۇم توغرىسىدا. بۇ توغرۇلۇق مەندە باشقىچە پىكىر يوق. پاك - دىيانەتلىك مەسىلىسى خۇسۇسىدا كۆپ بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى. شېئىرىيەت بارىسىدا گەپ بولغاندا، يېڭى شېئىرلاردىن مىسال كەلتۈرۈلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
توغرىسىدا، ھەققىدە، خۇسۇسىدا.
چىقسام تۇرىدۇ رەت - رەت مەكتەپ دەرۋازىسىدا، تەرتىپ بىلەن سۆز بارماقتا ئىكەن دەرس بارىسىدا.