بارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەۋجۇت؛ يوقنىڭ ئەكسى:[مىسال:] بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلانماق. * جان بار يەردە قازا بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۆپ ئىقتىسادقا، بايلىققا ئىگە بولغان؛ باي، دۆلەتمەن:[مىسال:] بار بارنى قىلار، يوق نېمىنى قىلار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ھەممە، جەمئىي، بارلىق:[مىسال:] [CRLF]ئېگىز تاغقا چىققاندا، [CRLF]قولىڭىزنى مەن تارتقان، [CRLF]بار ئويۇننى سىز ئويناپ، [CRLF]دەردىڭىزنى مەن تارتقان.[يەشمىسى:] ④ ئورۇن كېلىشتە كەلگەن سۆزدىن كېيىن خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىپ:[يەشمىسى:] 1) مۆلچەرنى، چامىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ يېشى يىگىرمىلەردە بار.[يەشمىسى:] 2) «قولىدىن كېلىدۇ»، «قىلالايدۇ»، «بىلىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پەرىدىگۈل دېگەن بالامنى خوتەننىڭ گۈلى دېسىلە، دۇتار، ئۇسسۇل، ناخشا... ھەممىسىدە بار.