Uyghur主要词典
باقىر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مىس؛ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى: باقىرلىق تاغ - مىس چىقىدىغان تاغ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مىس.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بار باقىر يوق ئالتۇن _ بارىدا مىس، يوقىدا ئالتۇن. بار بولسا مىستەك قەدىرسىز، يوق بولسا ئالتۇندەك قەدىرلىك بولىدۇ. بۇ ماقال ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئارىسىدا خارلىنىپ يۈرگەن كىشى ئارىدىن يوقالغاندا، ئۇنىڭ قەدىرى ئۆتۈلگەنگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 467
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىندا قويۇلغان بىر خىل مىس ئاقچىنىڭ ئىسمى. ئېلىم - سېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 468
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
باقىر - قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە كەڭ ئىشلىتىلگەن مېتال پۇل. مەھمۇت قەشقەرى بۇ پۇلنى <چىندا قۇيۇلغان بىر خىل مىس ئاقچىنىڭ ئىسمى، ئېلىم - سېتىمدا ئىشلىتىلىدۇ> (مەھمۇد قەشقىرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى> Ⅰ توم، 468 - بەت) دەيدۇ. بۇنىڭدىن <باقىر> نىڭ ئوبوروت قىلىنىش دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ۋەسىقىلەردە <ئۈچ باقىر كۈمۈش>، <ئۈچ ساتىر ئۈچ يېرىم باقىر>، <ئالتە ساتىر ئالتە باقىر كۈمۈش> دېگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. ئەينى دەۋردە 10 باقىر 1 سىتىرغا، 100 باقىر 1 ساتىرغا تەڭ ئىدى. <باقىر> يەنە ئېغىرلىق ئۆلچىمى قىلىپمۇ ئىشلىتىلگەن. فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە <باقىر> مىستىن قۇيۇلغان پۇل بولۇپ، بىر باقىر 10 دىن بىر سەرگە تەڭ ئىدى. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بىر باقىر 274.2 گىرام ئالتۇنغا تەڭ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مىس، مىس ئاقچا. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كالا پادىسى