Chinese→Uyghur主要词典
孢子纲
بىئولوگىيە
سپورىلىقلار سىنىپى
ئاددىي ھايۋانلار تىپىنىڭ بىر سىنىپى. ھەممىسى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىدا ياكى ھەر خىل ئەزالىرىنىڭ بوشلۇقلىرىدا پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ھەممىسىدە چوققا مۇرەككەپ ئاپپارات تۈزۈلۈشى بولۇپ، ئوسموتىك رول ئارقىلىق سۇيۇق ھالەتتىكى ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىدۇ. يېتىلگەن تېنىدە مۇقىم ھەرىكەتلىنىش ھۈجەيرە ئاپپاراتى بولمايدۇ. لېكىن ھايات تارىخىنىڭ مەلۇم دەۋرىدە يالغان پۇتلىرى ياكى قىلئاياغ ھاسىل قىلىپ ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھايات تارىخى مۇرەككەپرەك بولۇپ، ناھايىتى روشەن ھالدا، جىنسلىق كۆپىيىش بىلەن جىنسسىز كۆپىيىشنىڭ بىر ئالمىشىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىككى خىل كۆپىيىش كۆپىنچە ئىككى خوجايىننىڭ تېنىدە بەزى تۈرلىرىدە ئوخشاش بىر خوجايىننىڭ تېنىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جىنسسىز كۆپىيىشى - بۆلۈنۈپ كۆپىيىش، جىنسلىق كۆپىيىشى - گامېتىلىق كۆپىيىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا سپورىلىق كۆپىيىدىغان بىر ئالاھىدە باسقۇچ بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا سپورىلىق قۇرتلار دەپ ئاتالغان. مەسىلەن، بەزگەك پلازمودىيىسى؛ بېلىق، توخۇ ياكى ئۆي توشقانلىرىنىڭ تېنىدە پارازىتلىنىدىغان شارسىمان قۇرت (كوكسىد)؛ بېلىقلاردا پارازىتلىنىدىغان يېپىشقاق سپورىلىق قۇرت ۋە پىلە قۇرتى تېنىدە پارازىتلىنىدىغان پىلە مىكرو دانىچە قۇرتى (پىلە بومبىتىسى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىنىپقا كىرىدۇ.