Chinese→Uyghur主要词典
包税制
دۇنيا تارىخى
باجنى كۆتۈرە بېرىش تۈزۈمى
دۆلەتنىڭ باج سېلىقلارنى خۇسۇسىي سودىگەرلەرگە كۆتۈرە بىرىپ يىغىۋېلىش تۈزۈمى. قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅥⅣئەسىرلەردە) دەۋرىدىلا يولغا قويولغان. قەدىمكى رىم دۆلىتىدە ئۆلكىلەرنىڭ باج سېلىقلىرىنى رىتسارلارغا(پۇل مۇئامىلە سودىگەرلىرى)كۆتۈرە بەرگەن. يەنى دۆلەت كۆتۈرە ئالغۇچىلاردىن بەلگىلىك رايوننىڭ بېجىنى يېغىۋېلىش ھوقوقىنى بەرگەن. بۇخىل تۈزۈم يولغا قويولغاندا باج تۆلىگۈچىلەر دۆلەت ۋە خۇسۇسىي سودىگەرلەرنىڭ قوش ئىكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرىغان. رىمدىكى باج كۆتۈرە ئالغۇچى سودىگەرلەر باج تۆلىگۈچىلەرنى خالىغانچە قاقتى سوقتى قىلىپ، كۆتۈرە ئالغان باج نورمىسىدىن ھەسسىلەپ كۆپ باج يىغىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئۆلكە خەلقلىرىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. باجنى كۆتۈرە بىرىش تۈزۈمى ھەرخىل شەكىللەر بىلەن تا يېقىنقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.