Chinese→Uyghur主要词典
保护组织
بىئولوگىيە
قوغدىغۇچى توقۇلما
ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ يۈزىگە تارقىلىپ قوغداش رولىنى ئۆتەيدىغان توقۇلما. ئاساسلىق رولى؛ پارلىنىشنى تىزگىنلەپ زىيادە سۇ يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ مېخانىكىلىق ياكى خىمىيىلىك زەخىملىنىشتىن ساقلاش؛ باشقا جانلىقلارنىڭ زىيان سېلىشىنى توسۇش قاتارلىقلار. ئۇ ئېپىدېرما ۋە پۇرۇپكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خۇسۇسىيىتى ئوخشاش ئەمەس، بىراق تۆۋەندىكىدەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ ھۈجەيرىلەنرىڭ تىزىلىشى زىچ بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن مۇستەھكەم بىرىككەن بولىدۇ؛ ھۈجەيرە ئارىلىقى بولمايدۇ (ھاۋا تۆشۈكى، قوۋزاق تۆشۈكى قاتارلىق ئارىلىق رايوندىن سىرت)؛ ھۈجەيرە پوستى قېلىنلىشىش، مۈڭگۈزلىشىش ياكى پۇرۇپكىلىشىش قاتارلىق كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ھەرخىل قوغداش ئىقتىدارلىرىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك
bǎo hù zǔ zhī
قوغدىغۇچى توقۇلما