Chinese→Uyghur主要词典
保尔
دىن
bǎo ěr
基
خىرىستيان دىنى
بال، يوھان بال
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bǎo ěr
پاۋل
دۇنيا تارىخى
بالل
(؟ - 1381) ئەنگلىيىلىك مىسسىئونېر، ۋات. تەيلۇر قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئەسلىدە يوركىشېر شەھىرىدىكى بىر نامرات پوپ. ياش چاغلىرىدا ۋىكلىفنىڭ تەسىرىگ ئۇچراپ، ئۆشرە - زاكاتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، چېركاۋلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. كېيىن لوللارد مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى بولۇپ قالغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1381-يىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، قوزغىلاڭنىڭ بىر رەھبىرىگە ئايلانغان. ئۇ ئۆز باياناتلىرىدا، يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى، سىنىپىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ھەتتا مال - مۈلۈكلەرنىڭمۇ باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ <ئادەم ئاتا تېرىقچىلىق قىلغان، ھاۋا ئانا بابكارچىلىق قىلغاندا كىملەر ئاقسۆڭەك ئىدى؟> دېگەن مەشھۇر بىر جۈملە سۆزى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.