Chinese→Uyghur主要词典
保持的牢固性
پسىخولوگىيە
ساقلاشنىڭ مۇستەھكەملىكى
بۇ ئەستە قالدۇرۇلغان ئەستە ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ئەستە ساقلاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن باغلىنىشلىق، يەنى ئەستە قالدۇرۇشى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ئەستە ساقلىشى ئۇزۇن بولىدۇ. ئەستە ساقلاشنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەستە قالدۇرۇلغان ماتېرىيالنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە دائىم تەكرارلاش كېرەك.