Chinese→Uyghur主要词典
包庇毒品犯罪分子罪
جىنايەت ۋە جازا
زەھەر جىنايىتى ئۆتكەزگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى
بۇ - زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئالغان بولىدۇ.
349 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، جىنايەتچىلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمىنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاپقان پۇل - مېلىنى ساقلاپ، يۆتكەپ ۋە يوشۇرۇپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچىلار ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى باشقا خادىملاردىن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قوغدىغان، قانات ئاستىغا ئالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىك ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س 1994 30 - نومۇرلۇق
4. زەھەر جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى
<قارا> نىڭ 4 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىك بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، زەھەر جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئېلىپ - ساتىدىغان، توشۇيدىغان، ياسايدىغان جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يالغان ئىسپات بېرىپ، ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېپىش ياكى ئۇنىڭغا ياردملىشىپ جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق، قانۇن جازاسىدىن قاچۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
<قارار> دىك زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتچىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 162 - ماددىسىنىڭ تولۇقلىمىسى. شۇڭا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغانلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنى <قارار> نىڭ 4 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغانلارنى يوشۇرغانلارنىمۇ <قارار> نىڭ 4 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازالاش كېرەك.