Uyghur←Chinese主要词典
بانۇ مىنفېي
دۇنيا تارىخى
闵妃
mǐn fēi
(1851 - 1895) چاۋشىيەن پادىشاھى گاۋۇزۇڭ لى شىنىڭ بانۇسى، سىياسىي مەسلىھەت بېگى مىن جىلۇنىڭ قىزى. 6618-يىلى شىڭشۇەن دايۇەنجۈن رەپىقىسى مىن خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن پادىشاھغا بانۇلۇققا بېرىلگەن. ئۇ ئوردىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئالتە يىل جەريانىدا تۇغمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گاۋزۇڭ بىلەن دايۇەنجۈننىڭ كېنىزەك لى خېنىمدىن بولغان شاھزادىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىشىدىن بىزار بولۇپ، بارا - بارا دايۇەنجۈن بىلەن ئارازلاشقان. دايۇەنجۈنمۇ 1874-يىلى گاۋزۇڭ ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغانلىقى ئۈچۈن، مىن جەمەتى شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىدىن رەنجىپ يۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ يىگىرمە نەچچە يىل كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1882-يىلى رىنۋۇ ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن ئىلگىرى بانۇ مىنفېي مۇستەقىلچىلەرگە تايىنىپ، دايۇەنجۈن بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. كېيىن يەنە مۇستەقىلچىلەرنى بېسىپ، مىن جەمەتىنى يۆلەپ، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىنلاشماقچى بولغان. ئەمما جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا چىڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر بۇرۇلۇپلا روسىيىگە تايىنىپ، ياپوپنىيىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويغان. 1895-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دايۇەنجۈن بىلەن تىل برىكتۈرۈۋالغان ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇنىڭغا خانىكە مىڭچىڭ دەپ نام بېرىلگەن.