Chinese→Uyghur主要词典
半索动物
بىئولوگىيە
يېرىم خوردىلىق ھايۋانلار
<يوشۇرۇن خوردىلىق ھايۋانلار> (Adelochoraata) <ئېغىز خوردىلىق ھايۋانلار> (Stomochoraata) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەدىنى يۇمىلاق - ئۇزۇن، ئىككى يان سىممېترىك، تۇمشۇق، ئېڭەك، گەۋدە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۈچەي نەيچىسىنىڭ تۇمشۇققا ئۆسۈپ چىققان قىسمى ئېغىز خوردىسى دېيىلىدۇ، تۇمشۇق مۇسكۇلى ئۇزىراپ - قىسىراش ئارقىلىق تەن بوشلۇقىغا سۇنى ھەيدەپ كىرگۈزىدۇ. ئېڭىكىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە نېرۋا زەنجىرى بولۇپ، ئەڭ ئالدىنقى ئۇچى، ئىچىدە كاۋاك بوشلۇقى بولغان نەيچىسىمان نېرۋا زەنجىرىگە ئايلانغان. ھەزىم قىلىش نەيچىسىنىڭ ئالدى ئۇچىدا نۇرغۇنلىغان ژابرا يېرىقچىلىرى بولۇپ، نەپەسلىنىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. توقۇلما كەسلەنمىسىنى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە ئېغىز خوردىسى يەنىلا گىپوفىز بەز تۈزۈلۈشى بولۇپ، تىرەكلىك رولى يوق. يېرىم خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى ئاز بولغان كىچىك بىر تىپ، تەخمىنەن 50 تۈرى بولۇپ، ھەممىسى دېڭىزدا ياشايدۇ. ئادەتتە ئىككى سىنىپقا بۆلۈنىدۇ، سىرتقى شەكلىدە پەرق چوڭ، بىرى ئۈچەي ژابرالىقلار سىنىپى (Enteropneusta) شەكلى سازاڭ قۇرتقا ئوخشايدۇ. مەسىلەن، بالانوگلوس (palanoglossus)، ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئىككىنچىسى پەيسىمان ژابرالىقلار (pterobranchia) سىنىپى، تېنى كىچىك، شەكلى مۇخسىمان قۇرتقا ئوخشاش بولۇپ بېغىش ۋە سېزىش بارماقلىرى بولىدۇ، دېڭىز تېگىدە مۇقىملىشىپ توپلىشىپ ياشايدۇ. يېرىم خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئورنى ھەققىدە ھازىرغىچە تالاش - تارتىش بولماقتا. ھازىرقى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ئۇنى خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر تۈركۈمى دېگەندىن كۆرە، خوردىسىز ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇستەقىل بىر تىپ دەپ قارىغان خېلى مۇۋاپىقراق. بۇ تىپ ئەسلىدە خوردىلىق ھايۋانلار بىلەن خوردىسىز ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى تىپلىق ھايۋانلار بولۇشى كېرەك.
ئۇنىۋېرسال
bàn suǒ dòng wù
يېرىم خوردىلىق ھايۋانلار