Chinese→Uyghur主要词典
板鳃类
بىئولوگىيە
پلاستىنكا ژابرالىقلار
كۆمۈرچەكلىك بېلىقلار ئىچىدىكى چوڭ بىر تۈركۈم. كلاسسىفىكاتسىيە سىستېمىسىدا بېلىقلار سىنىپىدىكى پلاستىنكا ژابرالىقلر كەنجى سىنپىدىن ئىبارەت. ئۇلار كۆمۈرچىلىك بېلىقلارنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغاندىن باشقا مۇھىم ئالاھىدىلىكى 5 - 7 جۈپ ژابرا يېرىقچىسى بولۇپ، ژابرا قاپقىقى بولمايدۇ، بەدىنى ئادەتتە ئۇششاق قالقانسىمان تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان. باش سۆڭىكى قوش تۇتىشىش ياكى تىل ئارقىلىق تۇتىشىش شەكلىدە تۇتاشقان. كۆزىنىڭ ئارقىسىدا سۇ پۈركۈش تۆشۈكى بولىدۇ. كىلوئاكا بوشلۇقى بار. ئۇلار دېۋون دەۋرىدىن بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلمەكتە. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىككى ئەترەتكە بۆلۈنگەن. ئاكۇلالار ئەترىتى (Squaliformes or Selachiformes) ژابرا يېرىقچىسى بېشىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان. ئۇلارنى ئۈستۈنكى - ئاستىنقى جاغلىرىدا تەرەققىي قىلغان غەيرىي شەكىللىك ئۆتكۈر چىشلىرى بولىدۇ. سۇ پۈركۈش تۆشۈكى يوق ياكى ناھايىتى كىچىك. تېنى ئۇرچۇق شەكلىدە. قۇيرۇق قىسمىدا مۇسكۇللىرى كۆپ بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك؛ ئۇلارنىڭ قۇيرۇق پالاقچىسى تەرەققىي قىلغان، ئوتتۇرا - يۇقىرى سۇ قاتلاملىرىدا تېز سۈرئەتتە ئۈزۈشكە ماسلاشقان گۆشخور يىرتقۇچ بېلىقلاردىن بولۇپ، ھەرخىل ئاكۇلالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 - 20 مېتىر، كۆپچىلىكى ئىقتىسادىي بېلىقلار ھېسابلىنىدۇ؛ جىگىرىدىن بېلىق جىگىرى مېيىنى ئىشلەشكە؛ پالاقچىسىنى زىياپەتلەردە ئېسىل تائام قىلىشقا، تېرىسىدىن خۇرۇم ياساشقا بولىدۇ. سىكاتلار ئەترىتى (Rajiiformes or Bajiiformes)؛ ژابرا يېرىقچىسى بېشىنىڭ قورساق تەرىپىگە جايلاشقان، ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاغ چىشلىرى قاشاڭ (گال)، سۇ پۈركۈش تۆشۈكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نەپەسلىنىش ۋاقتىدىكى سۇ كىرىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. تېنى ياپىلاق رومبىسىمان ياكى تەخسە شەكىللىك، قۇيرۇقى ئۇزۇن، ئاجىز، قۇيرۇق پالاقچىسى تەرەققىي قىلمىغان، ياۋاش خاراكتېردىكى بېلىقلارغا كىرىدۇ. سۇ ئاستىدا ياشاپ مولليۇسكلار ۋە قۇلۇلىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ھەرخىل سىكاتلارنى، ستېنگراي (ئۇچلۇق تۇمشۇقلۇق سىكات ۋە قىزغۇچ سىكاتلار) ھەم نەشتەرلىك سىكات قاتارلىق بېلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پلاستىنكا ژابرالىقلارنىڭ تولىسى دېڭىزدا ياشايدۇ، تاتلىق سۇدا ياشايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. 60 - يىللارنىڭ بېشىدا مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن تېپىلغان لۇڭجۇ سىكات بېلىقى مەملىكىتىمىزدە ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان تاتلىق سۇ كۆمۈرچىلىك بېلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دېڭىزدىن چىقىدىغان قىزغۇچ سىكات (Dasyatis akajei) بىلەن بىر تۈرگە تەۋە بولۇپ، كاينوزوي ئېراسى ئۈچىنچى دەۋرنىڭ ئاخىرىدا گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ لۇڭجۇ، نەننىڭ ئەتراپلىرىدا <قۇرۇقلۇقنىڭ قامال قىلىشى> بىلەن شەكىللەنگەن تاتلىق سۇ تۈرلىرى دەپ پەرەز قىلىنماقتا.