Chinese→Uyghur主要词典
棒状杆菌
بىئولوگىيە
كالتەكسىمان تاياقچە باكتېرىيە
باكتېرىيىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تۈز ياكى ئازراق ئەگرى تاياقچە باكتېرىيە، ئۆسۈش جەريانىدا بىر ئۇچى ياكى ئىككى ئۇچى كۆپۈپ كالتەكسىمان ياكى باشقا رەتسىز ھالەتلەرگە كېلىدۇ. ھۈجەيرىسى <V> ھەرپى شەكلىدە قاتلىنىپ بۆلۈنىدۇ. كۆپ سانىقىدا قىلئاياغ بولمايدۇ. گرام مۇسپىي خۇسۇسىيەتلىك بولسىمۇ لېكىن تەكشى بويالمايدۇ، كىسلاتاغا قارشى تۇرالمايدۇ. ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىدۇ، قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدۇ، بۇ بىر مۇرەككەپ تۈركۈم. بەزىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلاردا پارازىت ياشاپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بوغما تاياقچە باكتېرىيىسى بوغما كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچى، يالغان سىل كالتەكسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى قوي، تۆگە ۋە باشقا ھايۋانلاردا يارىلىنىش ياكى يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىلىرى ئۆسۈملۈكتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ھالقىسىمان چىرىتكۈچى كالتەكسىمان تاياقچە باكتېرىيە ياڭيۇدا ھالقىسىمان چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلىرى ئۆسۈملۈكلەردە ھالقىلىشىش كېسىلى، يېلىمى ئېقىش كېسىلى، قاناللىرى قۇرۇش كېلسى ياكى يوپۇرماق قاراداغ كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بەزىلىرى تۇپراق ۋە سۇدا چىرىتىپ ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئالكانلارنى كاربون مەنبەسى قىلىپ ئېچىتىپ ئامىنو كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بېيجىڭ كالتەكسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى تەم جەۋھىرىنى ئېچىتىشتىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەلا سۈپەتلىك باكتېرىيىسى
باغۋەنچىلىك
bàng zhuàng gǎn jūn
تاياقسىمان تۈكسىز باكتېرىيەDدېھقانچىلىق
bàng zhuàng gǎn jūn
تاياقسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىDئۇنىۋېرسال
bàng zhuàng gǎn jūn
كورىنې باكتېرىيە