Uyghur主要词典
بامىيان تاش غارى
دۇنيا تارىخى
ئافغانىستاندىكى بۇددا دىنى مەدەنىيەت مەركىزى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىي شىمالى، ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2400 مېتىر كېلىدىغان بامىيان جىلغىسىدا. جۇڭگولۇق راھىب شۈەنزاڭ بۇ يەرگە كەلگەن بولۇپ، <ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى> ناملىق كىتابتا <بامىيان بەگلىكى> دېيىلگەن. قىيا تاشقا ئويۇپ ياسالغان چوڭ - كىچىك تاش غارلار مىڭغا يېقىن بولۇپ 5.1 كىلومېتىر ئارىلىققا سوزۇلغان. ئەسلىدە ئۇلار راھىبلارنىڭ ئۆيى ۋە بۇتخانا بولۇپ، ئۆزئارا پەلەمپەي ۋە كارىدور ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، <يەر ئاستى بۇتخانا> دەپ ئاتالغان. ھازىر غار ئىچىدە بۇتلار يوق دېيەرلىك، تام سۈرەتلىرى تېخىچىلار ساقلانغان، قىزىلغان دەۋرى Ⅳ - Ⅲ ئەسىرلەردىن تارتىپ، Ⅷ - Ⅶ ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. قىيادا ئىككى دانە ناھايىتى زور بۇت بولۇپ، غەرب تەرەپتىكىسىنىڭ ئېگىزلىكى 53 مېتىرېلىدۇ، بۇ دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئېگىز بۇت ھېسابلىنىدۇ، شەرق تەرەپتىكىسى 35 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ يۈز قىسمى ۋە بىلەك قىسمى بۇزۇۋېتىلگەن. بۇ تەكچىسىنىڭ چوققىسىغا سۈرەت سىزىلغان بولۇپ، ئىشلەنگەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، بەزىلەر ئۇنى مىلادى Ⅴ - Ⅳ ئەسىرلەردە سىزىلغان دەپ قارايدۇ.