Uyghur←Chinese主要词典
بالزاك
دۇنيا تارىخى
巴尔扎克
bā ěr zhā kè
(1799 - 1850) فرانسىيىلىك تەنقىدىي رېئالىست يازغۇچى. تۈردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1814-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە پارىژغا كۆچۈپ كېلىپ، قانۇن ئۆگەنگەن. گۇۋاھچىلار ئىشلىرى مەھكىمىسىدە پراكتىكانت بولغان. ئۇ ناپولېئونغا چوقۇنغان. ئەمما سىياسىي جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغا ھېسداشلىق قىلغان. 1831-يىلى مۇنارخىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1819-يىلىدىن باشلاپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە رومانتىزمىلق تۈس بولغان. 1829-يىلى تارىخىي رومان <جوئانىستلار> نى تاماملاپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە تام چىقىرىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رېئالىزمچىغا ئايلانغان. 1834-يىلى بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي رومان <ئىنسان كومېدىيىسى> نى يېزىشنى پىلانلىغان؛1842-يىلى ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدە كىتابنىڭ ھەممىسىنى <ئۆرپ - ئادەتلەر تەتقىقاتى>، <پەلسەپە تەتقىقاتى> ۋە <تەھلىل تەتقىقاتى> دەپ ئۈچ قىسىمغا ئايرىغان. ئەسلىدە 140 نەچچە پارچە قىلىپ يېزىشنى پىلانلىغان؛ 1842-يىلى ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدە كىتابنىڭ ھەممىسىنى <ئۆرپ - ئادەتلەر تەتقىقاتى>، <پەلسەپە تەتقىقاتى> ۋە <تەھلىل تەتقىقاتى> دەپ ئۈچ قىسىمغا ئايرىغان. ئەسلىدە 140 نەچچە پارچە قىلىپ يېزىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 90 نەچچە پارچە يېزىپ چىققان. <ئىنسان كومېدىيىسى> ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى فرانسىيىنىڭ جەمئىيەت تارىخىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بۇ مۇقەررەر يوقىلىۋاتقان ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى ئۈچۈن مەرسىيە ناخشىسى. شۇنداقلا پۇلنى دەستەك قىلىدىغان بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىگە قارىتا ئۆتكۈر شىكايەتنامە بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى تەنقىدىي رېئالىزملىق نادىر ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە <يېۋگېنى گراندې>، <گورىيو بوۋاي>، <خام خىيالنىڭ بەربات بولۇشى>، <دېھقان> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.
ئىستېتىكا
巴尔亨扎克
bā ěr hēng zhā kèDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴尔扎克
bā ěr zhā kè