Chinese→Uyghur主要词典
巴罗
دۇنيا تارىخى
بارروت
(1791 - 1873). فرانسىيە زۇڭلىسى (1848 - 1849). 1814-يىلى ئالىي ئەرزىيەت سوتىنىڭ ئادۋوكاتى بولغان، لىبېرال ئاقلىغۇچى سۈپىتى بىلەن داڭق چىقارغان. <ئۆز كۈچىگە تايانغۇچىلار تەڭرىنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشىدۇ> جەمئىيىىتنىڭ رەئىسى بولۇپ، قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇربون تىرىلىش ھۆكۈمىتىگە قارىتا تاقابىل تۇرغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابى مەزگىلىدە لۇئى فىلىپپىينىڭ خانلىق ئورنىغا چىقىشىنى قوللىغان. 1830 - 1848-يىللىرى ئارىلىقىدا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولغان. لىبېرال خاندانلىق ئۆكتىچىلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1846 - 4718-يىللار ئارىلىقىدا زىياپەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، گراژدانلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەرگە قاتناشقان ھەمدە لۇئى بۇنارپارتنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى بولغان. 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن بىر مەھەل قاماققا ئېلىنغان، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴罗〈几〉
bā luó
بارنو