Uyghur主要词典
بالىنلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
bبالىنلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئاساسەن بالى ۋە نۇساتىڭگارا تاقىم ئاراللىرىغا تەۋە لومبوك ئارىلىنىڭ غەربىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 3ىليوندىن كۆپرەك كېلىدۇ، ئۇلار ھېندونېزىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بالىنلار مۇڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بالىن تىلىنى قوللىنىدۇ، تارىختا سانسىكىرت ھەرپى ئاساسىدىكى بىردىنبىر ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت، بالىنلاردا قەدىمىي ھىندىدىنىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن راھىپ بولۇش، ئەڭ يۇقىرى شان - شەرەپ ھېسابلىنىدۇ.
بالىنلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، بانان، كوكۇس، قەھۋە، چاي، تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ.
بالىنلار ئاساسەن يېڭى مالايلىقلار بىلەن
ⅩⅤ ئەسىرلەردە ياۋا ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى مادجاپات دۆلىتى ئاھالىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت بىرگە ياشاپ، پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
بالىنلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم بىر ئادىتى شۇكى، ئومۇمەن ئائىلە ئىشلىرىنى ئەرلەر زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئېتىز - ئېرىق ،يەر تېرىش، ئوتاش، يىغىم قاتارلىق ئىشلارنى ئاياللار ئىشلەيدۇ، ئەرلەر يول ياساش، ئۆي قۇشلىرى ياكى تېرىلغۇ ئۇلاقلىرىنى بېقىش، پەرزەنتىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا بوش ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. بالىنلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى خوراز سوقۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن، ھەننىۋا يېزىلىرىدا مەخسۇس خوراز سوقۇشتۇرۇش سورۇنلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئەرلەر قاتنىشىدۇ.
بالىنلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى كەشتىلەنگەن بولۇپ، ئوچۇق رەڭ كىيىم - كېچەكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر قۇلىقىغا گۈل قىستۇرۇۋالىدۇ.
بالىنلار مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، بۇ خىل دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن نورغۇن ئىقتىساد كېتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل دەپنە قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىشلەر مېيتنى ۋاقىتلىق يەرگە كۆمۈپ، ھەر يۈز يىلدا ئۇرستىخانلىرىنى يىغىپ، كوللېكتىپ كۆيدۈرۈپ كۈلىنى سۇغا تۆكۈپ دەپنە قىلىدۇ.
بالىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن گالونئەن بايرىمى، ئەقىل - پاراسەت بايرىمى قاتارلىقلار بار.
بالىنلارنىڭ ئاياللىرى ئادەم جىسمىنى تەڭرى ياراتقان، ئەرلەرگە ساقال - بۇرۇت، ئاياللارغا گۈزەللىك ۋە ئەمچەكك ئاتا قىلغان، شۇڭا كۆكسىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ئېچىپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.ئۇلار ئادەتتە كۆكسىنىڭ ئاستىغا تىزىغىچە كەلگەن پەرتۇق ياكى يوپكا كېيىپ ،كۆكسىنى ئوچۇق قويىدۇ.
بالىنلارنىڭ نىكاھ ئادىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئادەتتە ئېلىپ قېچىپ شېرىن ئاينى ئۆتكۈزۈش، نىكاھ مەرىكىسى ۋە ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بىر جۈپ قىز - يىگىت ئاتا- ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، يىراق خىلۋەت بىر جايغا <قېچىپ> بېرىپ بىر ئايلىق شېرىن ئاي تۇرمۇشىنى كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ رەسمىي نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇق - تۇغقان دوست - بۇرادەرلىرىنى چاقىرىدۇ ھەمدە توي مەرىكىسىدىن بۇرۇن يىگىتنىڭ قوزۇق چىشىنى ئىكەكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇق - تۇغقان دوسىت - بۇرادەرلىرىنى چاقىرىدۇ ھەمدە توي مەرىكىسىدىن بۇرۇن يىگىتنىڭ قوزۇق چىشىنى ئىكەكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىشىنى تەكشىلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار قوزۇق چىش تەكشى بولمىسا قىيامەتتە ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بالىنلار ئويمىچىلىققا ۋە ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، ئەرلىرى ئۆزئارا ئېلىشىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ئېلىشىش (پىتروسېلتىس دەرىخى يوپۇرمىقى ۋە قالقان بىلەن) بالىنلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭداپىتروسېلتىس دەرىخى يوپۇرمىقىنى ھۇجۇم قورالى، قالقاننى قوغدىنىش قورالى قىلىدۇ، ئىككى پالۋان مەيدانغا چۈشىدۇ. بۇ ئويۇننى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر بالى ئارىلىغا كېلىدۇ.
Rate this entry