پسىخولوگىيە
儿童心理学
ér tóng xīn lǐ xué
بالىلار پىسخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى ۋە ياش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بالىلار پىسخكىسى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەش، بالىلار مائارىپى بىلەن ئوقۇشتىكى ئەمەلىي مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پىسخولوگىيە، پىداگوگىكا ۋە پەلسەپەدىكى بىر مۇنچە نەزەرىيە مەسلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.