Uyghur←Chinese主要词典
بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى
领域: قانۇنشۇناسلىق猥亵儿童罪
wěi xiè ér tóng zuì
领域: جىنايەت ۋە جازا猥亵儿童罪
wěi xiè ér tóng zuì
بۇ - 14 ياشقا توشمىغان بالىلارغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن باشقا پەسكەش ھەرىكەتلەر بىلەن يېقىنلىشىپ، قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىش، سۆيۈش قاتارلىق ھەرخىل پەسكەش قىلمىشلارنى ئۆتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش قىلمىشنى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، ئوغۇللار، قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان ھەم بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بولغان بولىدۇ.
237 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنى زورلاپ، ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى ھاقارەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى توپلىشىپ ياكى جامائەت سورۇنلىرىد ئوچۇق - ئاشكارا ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。