Uyghur主要词典
بالداق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قىلىچ قۇلىغىنىڭ ھالقىسى؛ ساپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى ئۇچىغا ئىلمەك، توقۇناق بېكىتىپ، سۇ، ئۈنچە ۋە باشقا نەرسىلەر توشۇيدىغان سايمان.
«بەلدەڭ» قۇمۇل شېۋىسىدە، قوللىنىلىدۇ.
«لاڭگۇڭ» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ئەپكەش كۆتۈرگەن يىگىت بۇلاق بېشىغا كەلدى. دېھقانلار بالداقلاردا ئۈنچە توشۇدى. ئات كۆتۈر ياخشى بىلەن، سۇ كۆتۈر بالداق بىلەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى - تۆۋەنگە چىقىش - چۈشۈش ئۈچۈن ياسالغان، پەلەمپەيلىك مەخسۇس سايمان.
«باسقۇچ» لوپنۇر دىئالېكتىدا «شوتا» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. «باسقۇ» مۇ دېيىلىدۇ.
شوتىنىڭ ئىككى بېشى بار. ھەقىقەت شەيئىلەرنى تونۇشتىكى قورال، كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش يولىدىكى شوتا.
شىۋىلەر
ئەپكەش. مەسىلەن:
سۇغا چىقتىم كۆلۈڭگە،
بالداق سېلىپ مۈرەمگە.
دىدارىڭنى كۆرەي دەپ،
نەچچە باردىم مەلەڭگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇ ياكى يۈك قاتارلىقلارنى دولىدا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياپىلاق ياغاچ؛ ئەپكەش.
بىر بالداق سۇ.
شوتا، كارىۋات، ئورۇندۇق ۋە شۇ تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا بېكىتىلگەن ياغاچ؛ چېتىق.
كۆچمە. باسقۇچ، پەللە، دەرىجە.
جەڭچىلەرنىڭ ھەربىي سۈپىتى ئىلگىرىكىدىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
نەرسىلەر يۈزىگە توغرىسىغا چۈشۈرۈلگەن يول ياكى رەڭلىك بەلگە.
ئالا بالداق مايكا.