Uyghur主要词典
بالبو
دۇنيا تارىخى
(1789 - 1853). ئىتالىيە ساردىگنا پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى ۋەزىرى (1848 -يىلى). تارىخشۇناس ۋە يازغۇچى. گراف، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باش ۋاقتىدا ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە ئەمەل تۇتقان. 1821-يىلى ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلدى دەپ گۇمانلانغاچقا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ ھۈرىيەتچىلەرنىڭ باشلىقى بولغان. 1844-يىلى <ئىتالىيىنىڭ ئۈمىدى> دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي سىياسىي پروگراممىسىنى بايان قىلغان ھەم ئۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشقا قارشى تۇرغان، ھەم خەلق ھەرىكىتى شەكلى ئارقىلىق ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ قارشى تۇرغان. بەلكى ئاۋستىريىنىڭ تۈركىيە ئىمپرېىيىسى بىت - چىت بولۇش جەريانىدا، ياۋروپادىكى باشقا زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىشغال قىلىۋالغان ئىتالىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىشنى ئۈمىد قىلغان؛ بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، گىئوبېرتنىڭ ئىتالىيە شتات ئىتتىپاقى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى قوللىغان. بىراق پاپانىڭ شتات ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىشىغا قوشۇلماي، بەلكى ساۋوئىيا خاندانلىقىنىڭ باشچىلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ دەسلىپىدە بىر مەزگىل ساردىگنا پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قانۇن چىقىرىش ئىچى كابىنېتىدا باش ۋەزىر بولغان ھەمدە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. <8481-يىلىدىكى پېمونتې ئاساسىي قانۇنى> نى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ <ئىتالىيە تارىخىدىكى 476 - 774-يىللار>، <دانتېنىڭ ھاياتى>، <ئىتالىيە قىسقىچە تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.